خۇاۋېي ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات

يېڭىلانغان ۋاقتى: 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

«خۇاۋېي ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» كەسپى خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) سىزگە خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىنى تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسىپنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.

نەشر ئۆزگەرتىش چۈشەندۈرۈشى

مەخپىيەتلىك باياناتىدىكى بۇ قېتىم يېڭىلانغان مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئوقۇڭ:

«شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز» دېگەن باب شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا ئاساسەن بىر تۇتاش يېڭىلاندى.

«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش» بابىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە بالىلارنى قوغداش چۈشەندۈرۈشى يېڭىلاندى.

مۇھىم ئەسكەرتمە

خۇاۋېي ھېسابىغا كىرىپ «خۇاۋېي ئاڭلىق ئىقتىدارى» نى قوزغاتقاندىن كېيىن، خۇاۋېي ھېسابىڭىزغا باغلانغان ئۈسكۈنە ئىشلىتىش يېتەكچىسىنى كۆرسىتىپ، زىيارىتىڭىزگە قولايلىق يارىتىمىز.

سىزگە سىستېما ۋە ئۈسكۈنىنىڭ يارقىن ئىقتىدار تونۇشتۇرۇشىنى يوللاپ، ئۈسكۈنە مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز.

ئۈسكۈنىنى توكلىغان ۋە WLAN گە ئۇلىغاندا، بۇ ئەپ ئارقا سۇپىدا تورغا ئۇلىنىپ «ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» مەزمۇنىنى يېڭىلايدۇ ھەمدە ئەپ سىنبەلگىسى ئۈستىدىكى رەقەم ئارقىلىق مەزمۇن يېڭىلاشنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۈستەليۈزىدە مۇلازىمەت كارتىسى قوشۇپ مەھسۇلاتنىڭ يارقىن ئىقتىدارىنى قولاي يول بىلەن چۈشىنىۋالالايسىز. بۇ ئەپ ئارقا سۇپىدا توردا مەزمۇن يېڭىلايدۇ ھەمدە كارتا مەزمۇنىنى ھەرىكەتچان ھالەتتە يېڭىلايدۇ، ئارقا سۇپىدا يېڭىلاش پەقەت ئۈسكۈنە WLAN گە ئۇلانغاندا ئاندىن ئىجرا بولىدۇ.

1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز

ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى ئارقىلىق سىزگە تۆۋەندىكى كەسىپ مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەيمىز، ئالاقىدار كەسىپ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىڭىزدا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، مۇلازىمەتتە زۆرۈر بولغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ.

1.1 ئۈسكۈنەم

«خۇاۋېي ئاڭلىق ئىقتىدارى» نىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى ئۆزئارا باغلىنىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزگە پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدار تونۇشتۇرۇشىنى تەمىنلەيمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشنى «خۇاۋېي ئاڭلىق ئىقتىدارى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

1.2 ھېساباتقا كىرىش

خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگىنىڭىزدىن كېيىن، نام ۋە باش سۈرىتىڭىزنى ئوقۇپ، ئەپتە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز.

1.3 ئىقتىدار ئەسكەرتمىسى

ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىنىڭ ئىقتىدار ئەسكەرتىش مۇلازىمىتى سىزگە سىستېما ۋە ئۈسكۈنىنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۇچۇرى يوللايدۇ. ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى ئىقتىدارىنى خۇاۋېي ئۇقتۇرۇش SDK سى تەمىنلەيدۇ.

بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، «ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» > «مەن» > «تەڭشەك» > «ئىقتىدار ئەسكەرتىش» ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.

2 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش

بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز، خۇاۋېي دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ياكى باشقا ھامىيلار مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

بولۇپمۇ، ئەگەر سىز بالا (14ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن) بولسىڭىز، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بىلەن بىللە بۇ بايانات ۋە بىز مەخسۇس تۈزگەن «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى»(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/childprivacy/statement.htm?code=CN&language=ug-CN) نى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىز ھەمدە ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن ياكى ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسى بولسىڭىز، ھامىيلىقىڭىزدىكى بالىنىڭ سىزنىڭ قوشۇلۇشىڭىز بىلەن ياكى يېتەكچىلىكىڭىزدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.

3 ئۈچىنچى تەرەپ SDK سى

سىزگە ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىنىڭ ئىقتىدار ئەسكەرتىشى دېگەندەك قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ يۇمشاق دېتال قورال ئېچىش بوغچىسى (قىسقارتىپ «SDK» دېيىلىدۇ) ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئەپلەرنى توپلاشتۇردۇق. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى «ئۈچىنچى تەرەپ SDK تىزىملىكى»(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/tips/privacy-statement.htm?country=CN&branchid=1&language=ug-CN&version=20211230&contenttag=3rdsdk) دىن كۆرۈڭ.

4 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش

بۇ مۇلازىمەتنىڭ مەلۇماتىڭىزنى توپلىشىنى توختاتماقچى بولسىڭىز، «ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» > «مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «مۇلازىمەتنى توختىتىش» نى چېكىڭ.

مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقىڭىزغا ئالاقىدار ھەرقانداق تەلەپ ياكى گۇمان، تەكلىپ ياكى پىكرىڭىز بولسا، مەزكۇر باياناتنىڭ «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەم ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.

5 ئۇچۇر ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.

بۇ باياناتتىكى مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن-بەلگىلىمىلەردە باشقىچە تەلەپ قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئىقتىدار ئەسكەرتمىسى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن توپلانغان ئۇچۇرلار 15 كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىتتىرمە ئۇقتۇرۇش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا سىزگە ئۇقتۇرىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

6 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم بەلگىلىدۇق، بۇ ئۇلانما(https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions) ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى بېتى(https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions) ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.

جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش، كەسىپ باشقۇرۇش جەمئىيىتى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنىڭ ئۇچۇرىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ئالاقىدار مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزنى، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/privacy/statement.htm?code=CN&language=ug-CN)دىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.

باشقىلىرىنى كۆرۈش